بۇدۇشقاق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، بۇدۇشقاققا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەك، كەڭ تۇخۇم شەكلىدە،
تۈۋى تېيىز يۈرەكسىمان، گىرۋىكى تېيىز بۆلۈنگەن چىشلىق بولىدۇ؛ گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ، ئۇچىدىن ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، ئۇرۇق
مېۋىسى ئۇزۇن تۇخۇم شەكلىدە، يۈزىدە زىچ جايلاشقان ئىلمەك تىكەنلىرى بولىدۇ. ئۇچىدا ئىككى تال ئۇچلۇق تىكىنى بار، مېۋىسىنىڭ ئىچىدە
ئىككى دانە ئۇرۇقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى مېۋىسى پىشقاندا ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى
سوقۇۋېلىپ، يوپۇرماقلىرىنى تازىلاپ ئېلىۋېتىپ، خام ھالەتتە ياكى سارغايغىچە قورۇپ، چۆپىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، چاناپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز ياقىلىرى ۋە يول
بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ماددىلارنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، بەدەننى پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ
بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن 12 گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن 10 گرام، جۇلاغدىن سەككىز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، زۇكام، يۆتەل ۋە يۇتقۇنچاق ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، يالپۇز ۋە يۇلغۇننىڭ ھەر بىرىدىن تۆت گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق يىلتىزىدىن 140 گرام، خام ئەگرىسۇنا 150 گرام، قورۇلغان سېرىق پۇرچاقتىن 250 گرام ئېلىپ، 250 گرام رەيھان شەربىتىگە ئالتە
كۈن چىلاپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، ياشانغانلاردىكى گۆش -
ئۇستىخان ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش ۋە يۈز ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق يوپۇرمىقىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق يىلتىزىدىن 15 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پوقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام بۇدۇشقاق يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ
ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پوقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنى سەككىز گرام مۇلەن دەرەخ غۇنچىسى، 12 گرام بەيجژ، تۆت گرام يالپۇز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن يان بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، ساڭجۇ، لېپەكگۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاقنى قاينىتىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل ۋە كۆكرەك يىرىكلىكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاقنى ئېزىپ گۈل يېغى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، مەقئەت ئىششىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاقنى قاينىتىپ، سۈيى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرسە، يۈزنى قىزارتىدۇ.
بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
بۇدۇشقاقنىڭ يوپۇرمىقىنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قوتۇر، تەمرەتكە، ھاشارات چاققان يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ياغنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ماخاۋ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ، سۈزۈپ، ئاندىن سۈيىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ، قويۇق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، سۇيۇق رۇب تەييارلاپ سۇ بىلەن
ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مۇپاسىل، سىفلىستىن بولغان نېرۋا ئاغرىقلىرى، يەڭگىل تۈردىكى ماخاۋ، سوزۇلما تېرە كېسەللىكلىرى، قوتۇر، لىمفا
ئاقمىسى، جاھىل خاراكتېرلىك بەزگەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنى 10 گرام ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقى، 35 گرام جامكا، 20 گرام سەپرا ئوت يىلتىز پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، يەلتاشما، تېرە قىچىشمىسى ۋە ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، يەلتاشما ۋە ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ شۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، سارغايغۇچە قورۇپ، ئۇنى بىر تال تۇخۇم بىلەن يەنە قورۇپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىستېمال
قىلىپ بەرسە، ھەرخىل چىش ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۈندە بىر قېتىم 40 گرام بۇدۇشقاقنى سۇدا قويالغۇچە قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، ماخاۋ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇدۇشقاق ۋە ئىنەكپىتىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.