تۇرۇپ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە، ئاق يىلتىزى يوغان بولۇپ، سېلىندىر ياكى شار شەكلىدە كېلىدۇ؛ پوستىنىڭ رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. تەمى چۈچۈمەل.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە يىلتىزى، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۇرۇقى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، سەيگە ئىشلىتىلىدىغان بېشى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇقىدىن ئۈچ گرام، سۈيىدىن توققۇز گرام، تۇرۇپنىڭ ئۆزىدىن 60 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يەللەرنى تارقىتىپ، تاماقنى
سىڭدۈرىدۇ.
تۇرۇپتىن ياغ چىقىرىپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاقتىكى سوغۇقلۇق ۋە يەلنى تارقىتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە گۈل يېغى قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ، قاينىغاندا ئېلىپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە،
قۇلاقتىكى يەللەرنى تارقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن قاينىتىپ، ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قولاقتىكى سوغۇقلۇق ۋە يەللەرنى تارقىتىپ، ئاغرىق
پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
تۇرۇپنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ كۆزگە تېڭىپ بەرسە، كۆزنىڭ تېگى تەرىپىدىكى قىزىللىقنى يوقىتىدۇ.
تۇرۇپنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ كۆزگە تاڭسا، كۆزگە چۈشكەن سۇنى يوقىتىدۇ.
تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى قاينىتىپ، سۈيىنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ غار - غار قىلىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئىستىسقا
ۋە يەرقان قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 30 گرام ئىچىپ بەرسە، تاشلارنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىگە سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تاش چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە چامغۇر ئۇرۇقىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىنى بېكىتىپ، خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئوتقا كۆمۈپ
پىشۇرۇپ، ھەسەلگە قوشۇپ ئۈچ كۈن ئۈزمەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ، شاراب بىلەن يىلان چاققان ياكى باشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چىققان جايغا تېڭىپ بەرسە، زەھىرىنى قايتۇرۇپ،
ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ قىرىلغان پوستىنى چاياننىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرسە، چايان ئۆلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى بەدەنگە سۈركىسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
تۇرۇپنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرىنى پارقىرىتىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.