پىلىكئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق توپلىشىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، پىلىكئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈكنى ئاق ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلايدۇ، غولى شاخلىمايدۇ ياكى ئۈستۈنكى قىسمى شاخلايدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ساپىقى بولمايدۇ، شەكلى يىپسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ. گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ، بىرقانچە گۈل توپلىشىپ چەكلىك كۈنلۈكسىمان جايلىشىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قىزىتمىنى چۈشۈرۈش، قاننى سوۋۇتۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۈرەكنى
كۈچلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
پىلىكئوتتىن 35 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، ئۈستىگە ئۈچ تال تۇخۇم چېقىپ قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تال تۇخۇمنى
يەپ، سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى پىلىكئوتنى ئېزىپ بەدەنگە چېپىپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىلىكئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى پېلىكئوتنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.