پاقىيوپۇرمىقى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پاقىيوپۇرماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسكەن بولۇپ، ساپىقى ئۇزۇن، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، ئارقا تەرىپى سۇس يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئادەتتە بەشتىن يەتتىگىچە دۇغسىمان تومۇرى بولىدۇ؛ گۈلى كىچىك، شەكلى باشاقسىمان. غوزا مېۋىسى قاپقاق ئېچىلغاندەك يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى سوقىچاقراق، قارا قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
ۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى ئۇرۇقى پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ھالەتتە ياكى قورۇپ؛ چۆپىنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول ياقىلىرى ۋە ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، بەلغەمنى يۇمشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 6 ~ 12 گرام، پاقىيوپۇرمىقى 35 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن 12 گرام، ئۈچقاتتىن 20 گرام، ياۋا كەشمىردىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام پاقىيوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پاقىيوپۇرمىقىدىن 35 گرام، كۈمۈشئوتتىن 30 گرام، ئۇچار چاشقان مايىقىدىن 12 گرام، ماڭداردىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
140 گرام ھۆل پاقىيوپۇرمىقىنى 12 گرام ئۆرۈك مېغىزى، 10 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل پاقىيوپۇرمىقىدىن 100 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىنى سارغايغىچە قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، گۈرۈچ سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل پاقىيوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.