لوپنۇر كەندىرى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تال گۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، تال گۈلىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 ~ 2.1 مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن چۆپتە شىلىمشىق ئاق سۈت بولىدۇ؛ غولى تىك، سىلىق بولۇپ، تېۋىتلىرى بولمايدۇ، يۇقىرى قىسمى كۆپ شاخلىنىدۇ، غولىنىڭ قوۋزىقى چىداملىق بولۇپ، ياخشى ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈك، غولىنىڭ كۈنگە يۈزلەنگەن تەرىپى سۇس قىزىل كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى قىسقا، يوپۇرماق شەكلى ئۇزۇنچاق تېمىنە شەكلىدە، ئۇچى دىقماق كېلىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى ھال رەڭ، شەكلى قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ؛ مېۋىسى غۇنچە شەكىللىك، ئۇزۇن مۈڭگۈزگە ئوخشايدۇ، ئىچىدە كۆپ ساندىكى قارامتۇل سېرىق ئۇرۇقلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك چېچەكلىگەندە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريالارنىڭ تۆۋەنكى ئېقىملىرى ۋە كۆل بويلىرىدىكى سەل شورلانغان ئوتلاق، ئېتىز بويلىرى قاتارلىق جايلاردا بولۇپمۇ لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قىزىتما پەسەيتىش، يەل تارقىتىش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
لوپنۇر كەندىرىدىن سەككىز گرام، لىگۇا ساپىقىدىن ئالتە گرام، تاغ دېنىدىن سەككىز گرام، ئەركەك قەلەمپۇردىن تۆت گرام، قۇستىدىن 12
گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.2 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغى ۋە قورساق
كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى لوپنۇر كەندىرىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، باش قېيىش، مېڭىنىڭ
سىلكىنىپ كېتىشىدىن كېيىنكى ئاسارىتى، يۈرەك ئېغىش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى لوپنۇر كەندىرىنى قايناق سۇغا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى، جىگەر قېتىشىشتىن بولغان
قورساق سۈيى ۋە سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.