ھەببى رىشات
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، بېسىلغاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى چۆلنىڭ، ئىككىنچىسى يېزىنىڭ. يېزىنىڭكى ھەببى رىشات دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. يوپۇرمىقى يۇمشاق، ئۇششاق، ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى سېرىق، ئۇزۇنچاق بولىدۇ. جاڭگالدا بولىدىغىنىنىڭ يوپۇرمىقى يۇمىلاققا مايىل، ئەتراپى چىشلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىدىغىنى يېزىنىڭكى ئىشلىتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئىشتىھانى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىش، مەنىي پەيدا قىلىش، ماددىلارنى تارقىتىش، تېرىنى قىزارتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىنى پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھەببى رىشاتنى دەملەپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى ھەر تۈرلۈك قۇرت ۋە غەيرى تەبىئىي بەلغەمگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەببى رىشاتنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ياكى قاينىتىپ سۈيىنى بىر غېرىچ ئېگىزلىكتىن باشقا قۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى
ئالىدۇ.
ھەببى رىشاتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئازراق تۇز ۋە تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ھەببى رىشاتنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، بەرەس، بەھەق، سەپكۈن قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.