ئەنجىبار
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قامچىئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توم بولۇپ، ئېگىلىپ تۇرىدۇ، غولى يەككە، تىك ئۆسىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن، شەكلى ئۇزۇن تېمىنىسىمان، يوپۇرماق غىلاپى كانايسىمان پەردىسى بىلەن غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى غولىنىڭ ئۇچىدا يەككە ئۆسىدۇ، شەكلى ئىنچىكە تۈۋرۈك شەكلىدە بولۇپ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق ياكى ھال رەڭدە كېلىدۇ. كىچىك قاتتىق مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى قارا، پارقىراق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز، كۈزدە قېزىۋېلىپ، توپا - لايلىرىنى تازىلاپ، چاچما
يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ياۋا ئوتلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، قاننى توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
70 گرام ئەنجىبارنى سۇدا ئىككى قېتىم قاينىتىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن 35 گرام قاراشېكەر قوشۇپ، قويۇلدۇرۇپ، 200 مىللىلىتىر
قالغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى ۋە سېرىقلىق چۈشۈش
تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەنجىباردىن 210 گرام، مامكاپتىن 280 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ گۈلىدەك چوڭلۇقتا
كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق، جىگەر ياللۇغى ۋە پېشانە سۆڭەك
كاۋىكى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەنجىبارنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان تارتىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەنجىباردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چىيقان ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.