بۇغداي
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپا باشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
غولى تىك ئۆسىدۇ، غولىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك، يوپۇرمىقى كەڭ تاسمىسىمان كېلىدۇ؛ دېنى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، قورساق تەرىپىدە
ئېرىقچىسى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى سەمرىتىش، چىراينى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇغداي ئۇنىنى بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئاتلا ئېتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، دەم سىقىلىش، ئومۇمىي
بەدەن ئاجىزلىقى، داغ ۋە سەپكۈنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام بۇغداينى سەككىز گرام چاكاندا يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
بۇغدايدىن 35 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 51 گرام، خام لوڭگۇدىن 20 گرام، ئالقات يىلتىزى پوستىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇغداي ئۇنىنى نەرگىس گۈلى ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىكەن ۋە ۋاشاق ئوقىنى (
ئوقيا ئوقىنى) چىقىرىپ، پەيلەردىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.