چۈچۈكبۇيا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۈچۈكبۇيىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 03 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى تۈكلۈك بولىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى تۈۋرۈك شەكلىدە يوغان بولۇپ، قوۋزىقى قىزغۇچ
قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر، تەمى تاتلىق بولىدۇ. غولى تىك، تۆۋەن قىسمى ياغاچلاشقان بولۇپ، يۇقىرى قىسمى كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 7 ~ 17 تال بولۇپ، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى
سوقىچاقراق تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سۆسۈن ياكى قىزغۇچ
سۆسۈن بولىدۇ. قاسىراقلىق مېۋىسى ئورغاقسىمان ئېگىلگەن، خورما رەڭدە، زىچ تىكەنسىمان بەز تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كەچ كۈزدە قېزىۋېلىپ، ئىككى ئۇچىدىكى ئۇششاق
يىلتىزلىرى ۋە يۇمران بىخلىرىنى ئېلىۋېتىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ توغراپ، ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق ۋە ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قويۇق خىلىتلارنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش،
نېرۋا ۋە پەيلەرنى كۈچەيتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۆتەلنى توختىتىش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام چۈچۈكبۇيىنى 35 گرام سوغىگۈل، 02 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا
تۆت گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چۈچۈكبۇيا، قوڭغۇراقگۈل ۋە بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك
كانايچە ياللۇغى ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پۈچەك بۇغدايدىن 35 گرام، 12 گرام ھەسەل بىلەن ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا، ئالتە تال چىلان، 25 گرام گۈلسامساق، 15 گرام ياز غازىڭى، 12
گرام لوڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھېستېرىيىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام چۈچۈكبۇيا ۋە كۆك ماشنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.