ئاق لەيلى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۇمىلاق، تەمسىز. يوپۇرمىقىنىڭ ئارقا تەرىپى يىرىكرەك، گۈلى كىچىك، رەڭگى قىزىل، بىنەپشىگە مايىل. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى ئاققا مايىل قارامتۇل، شەكلى يۇمىلاق، بىر ئاز ياپىلاقراق، ئوتتۇرىسى چوڭقۇر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا، ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە گۈلىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، تۇغۇتنى تېزلىتىش، بالا ھەمرىيىنى چۈشۈرۈش، سۇلۇق ئىششىقنى تارقىتىش، جاراھەتلەرنى ئېغىز ئالدۇرۇش، يۈزدىكى دانىخورەكلەرنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ سۈيىدىن 150 گرام، ئۇرۇقىدىن 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق لەيلىنىڭ يوپۇرمىقىنى چايناپ تۇز قوشۇپ، كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆزدىكى ناسۇر چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق لەيلىنى چالا ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل چاقىنىڭ ئاغزىنى پۈتتۈرىدۇ.
ئاق لەيلىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۇنۇقنى تۇتاشتۇرۇپ، تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
ئاق لەيلىنى زەيتۇن يېغى ياكى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن جاراھەت ۋە چايان چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق لەيلىنىڭ قوۋزىقىنى ئېزىپ سۈيدۈك بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باشنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىپ، كېپەكنى يوقىتىدۇ.
ئاق لەيلى شېخىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 200 گرامنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، ئىسسىقلىق ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، تال ئاغرىقى، يەرقان، قوتۇر، ئۈچەيلەردىكى يىرىڭلىق جاراھەت، تولغاق، دوۋسۇندىكى يىرىڭلىق جاراھەت، سۈيدۈكنىڭ كۆيۈشۈپ كېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق لەيلىنىڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىچ ئەزادىكى جاراھەت؛ ئىسسىق ۋە قۇرۇقتىن بولغان يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق لەيلىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق لەيلىنى يەككە ھالەتتە ياكى پوستى ئېلىنغان ئارپا بىلەن ئېزىپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قاتتىق ئىششىق ۋە ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ.