UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكۆك ماش

كۆك ماش

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا ماشقا ئۇرۇقداش، تىك ياكى سەل يۆگىمەچ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، دېنى ماشتىن يوغان، سېرىق پۇرچاقتىن سەل كىچىكرەك، رەڭگى ئاق، سېرىق ۋە قارا بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. قان تازىلاش، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قىزىتما پەسەيتىش، ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 50 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كۆك ماشتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، ئېغىز ۋە كىچىك تىل ياللۇغى، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى،ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، تىلما ۋە قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆك ماشنى پوستىدىن ئايرىپ، بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ. كۆك ماشتىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ سۇيۇق ئاش ئېتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۆك ماش | UyghurWiki | UyghurWiki