UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقىزىلمۇچ

قىزىلمۇچ

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قىزىلمۇچقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تىمىنە شەكىللىك، گۈلى ئاق، مېۋىسى كۆپىنچە يۇڭ قەلەمنىڭ ئۇچىغا ئوخشاش، پانۇسقىمۇ ئوخشايدۇ، يۈرەك شەكىللىكىمۇ بار بولۇپ، رەڭگى كۆك، پىشقاندىن كېيىن قىزىل رەڭگە كىرىدۇ، ئادەتتە تەمى ئاچچىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، غولى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈپ، مېۋىسى ئۈزۈلۈپ بولغان غولىنى يىغىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. توسالغۇلارنى ئېچىش، يەلنى ھەيدەش، سوغۇقنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تۆت گرام قىزىلمۇچنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 165 گرام ۋازېلىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قايرىلىپ، سۈرۈلۈپ زەخىملىنىش ۋە تېىرىسى تىتىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۈچ تۈپ قىزىلمۇچ غولىنى 33 گرام كاۋا شۆپۈكى، ئۈچ تۈپ پېدىگەن غولى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەش تال ھۆل قىزىلمۇچنى% 70 لىك ئىسپىرت ياكى كۈچلۈكرەك ھاراققا چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئۈششۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 تال قىزىلمۇچنى 33 گرام كاۋاۋىچىن بىلەن قاينىتىپ، ئاندىن قىزىلمۇچنى سۈزۈپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ، سۈيى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 130 گرام قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ يىلتىزىنى 10 تال چىلان بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىلمۇچنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ لاتىغا ئوراپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، جاھىل خاراكتېرلىك تەمرەتكىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
قىزىلمۇچ | UyghurWiki | UyghurWiki