ئاچچىقتاۋۇز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يامىشىپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان، ئاچچىقتاۋۇزغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى5 ~ 10 مېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى توم، غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، يۆگىمەچ يىپچىسى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، شەكلى يۇمىلاقراق ياكى يۈرەكسىمانراق، كۆپىنچە بەش ~ يەتتە ئالىقانسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، ئاتىلىق بىلەن ئانىلىق ئايرىم تۈپلەردە بولىدۇ؛ گۈل كاسسىسى نەيسىمان، گۈل تاجىسى ئاق، ئۇچى بەشكە
يېرىلغان، ھەربىر بۆلەنىڭ گىرۋەكلىرى يىپقا ئايلىنىپ كەتكەن؛ مېۋىسى تۇخۇمسىمان دۈگىلەك كېلىدۇ، پىشقاندا سېرىق رەڭدە بولۇپ،
ئۇرۇقىنىڭ سانى كۆپ، ياپىلاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، ئۇرۇقى، مېۋە پوستى (شاپىقى) ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى كۈزدە ئېسىپ قويۇپ سايىدا قۇرۇتۇپ؛ شاپىقىنى ئۇرۇقى ۋە ئېتىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ. ئۇرۇقىنى كۈزدە ئۈزۈۋېلىش ۋاقتىدا، شاپىقى يېرىلغانلىرىنى تاللىۋېلىپ، ئېتى، شاپىقى ۋە
ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يىلتىزىنى باھار ۋە كۈز پەسلىدە، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۆسكەنلىرىنىڭ يىلتىزىنى
كولىۋېلىپ، يىرىك پوستىنى قىرىۋېتىپ، نېپىز يالپاقلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ، تۇرپان، ئىلى، ماناس، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر ياندۇرۇش، ساپ خىلىت پەيدا قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مېۋىسى 8 ~ 30 گرام، شاپىقى 8 ~ 15 گرام، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى 8 ~
20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاچچىقتاۋۇز مېۋىسىدىن 15 گرام، سوغىگۈلدىن 12 گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما
خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئاچچىقتاۋۇز مېۋىسىنى 12 گرام پىشقان ئاپېلسىن پوستى، سەككىز گرام قۇستە، يەتتە گرام كۇركۇم بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك چىڭقىلىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىقتاۋۇز مېۋىسىدىن بىر دانە ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، رەيھان شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، سۈت كەلمەسلىككە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئاچچىقتاۋۇز مېۋىسى ۋە مامكاپنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىقتاۋۇز مېۋىسى، ئۇچقات، مامكاپ ۋە بىنەپشىنىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئاچچىقتاۋۇز يىلتىزىدىن 100 گرام ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قەنت سىيىش كېسەللىكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىقتاۋۇز شاپىقىدىن 12 گرام، ئاق پىلە قۇرتىدىن سەككىز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن يەتتە گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ،
زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ۋە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىقتاۋۇز يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەكنىڭ يېڭى كۆتۈرۈلۈپ چىقىشىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.