UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىشەھدان

شەھدان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تىك ئۆسىدىن سامان غوللۇق، شەھدانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ. سىلىق، تۈكلىرى يوق؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۈۋىدىن ئۆسىدىغان يوپۇرمىقى بىر - ئىككى تال بولۇپ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى ئۈچ - تۆت تال بولۇپ، ئالىقانسىمان ئۈچ تەرەپكە چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە ياكى يانتۇ تۇخۇم شەكلىدە، گىرۋىكىدە كەمتۈكلىرى ۋە ئۆتكۈر ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ گۈلى يالغۇز غولىنىڭ ئۇچىدا بولىدۇ، رەڭگى ئالتۇن سېرىق رەڭدە؛ غۇنچە شەكىللىك مېۋىسىنىڭ ئۇچى تەرىپىدە سىرتقا ئېگىلىپ تۇرغان ئىلمىكى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلغاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېگىز تاغ يايلاقلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. شەھداندىن تۆت گرام ئېلىپ دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شەھداندىن 12 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام، سەبدىگۈلدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئۆتكۈر قۇلاق پەردىسى ياللۇغى، ئۆتكۈر كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر لىمفا كانالچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شەھداندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سىرتقى تەسىردىن بولغان زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى