UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىجەزبۇزار

جەزبۇزار

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، جەزبۇزارغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، توغرىسىغا ئۆسىدۇ. بوغۇملىرى كۆپ، رەڭگى بېغىر رەڭ سېرىق، چاچما يىلتىزى بولىدۇ؛ غولى تىك، ئېگىزلىكى 8 ~ 25 سانتىمېتىر؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئىككى قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، سېپى ئۇزۇن، كىچىك يوپۇرماقچىلىرىنىڭ كەمتۈكلىرى ۋە ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ ئومۇمىي ئورىغۇچىسى يوپۇرماقسىمان، ئۈچ قۇلاقلىق بولىدۇ. گۈلى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق ياكى گۈل تاجىسى ياپرىقىنىڭ تۈۋى كۆكۈش بولىدۇ. غوزا مېۋىسى يۇمىلاق تۇخۇم شەكلىدە ياكى يېڭى كۆرۈنگەن ئاي شەكلىدە بولىدۇ، سىرتىدا يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە كولاپ يىغىۋېلىپ، غولىدىكى يوپۇرماقلىرىنى ۋە چاچما يىلتىزىنى تازىلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ - دالىلار، چاتقاللىق ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. توسالغۇلارنى ئېچىش، ھۆللۈكنى تارقىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، زەھەر تارقىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 35 گرام جەزبۇزارنى 15 گرام سېرىق يۆگەي، 12 گرام ئەگرىسۇنا، 10 گرام ئاق چۇغلۇق، سەككىز گرام ئەينۇلا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام جەزبۇزارنى 20 گرام ئارچا ئۇرۇقى، 12 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، 10 گرام كەرمان، سەككىز گرام گۈلسامساق، ئالتە گرام پەربۇن، ئۈچ تال سوقا چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى جەزبۇزارنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك، ھەرخىل چاقىلار، قىچىشقاق ۋە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام جەزبۇزارنى 15 گرام ئارچا ئۇرۇقى، 51 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، 12 گرام كەرمان، سەككىز گرام گۈلسامساق، ئالتە گرام پەربۇن، 10 تال سوقا چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىدا ھوشسىزلىنىپ جۆيلۈش ۋە قاتتىق بىئارام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى