UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىبۇيا

بۇيا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بېدىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە قىسقا، يۇمشاق ئاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ يىلتىزى تىك، ئىنچىكە، ئۇزۇن. يان يىلتىزلىرى كۆپ بولىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، شەكلى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، كېپىنەككە ئوخشايدۇ، قاسىراقلىق مېۋىسى تەسۋىسىمان، ئۇرۇقى سارغۇچ تۇخۇم شەكلىدە، تەمى ئىنتايىن قېرىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپىنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول ياقىلىرى، ئېتىز قىرلىرى، ئوتلاق ۋە ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. قىزىتمىنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغىرق توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ چۆپى 4 ~ 6 گرام، بۇيا ئۇرۇقى بەش تال ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇيا ئۇرۇقىدىن بەش تال، خام زەنجىۋىلدىن تۆت گرام، مامكاپتىن سەككىز گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى ۋە ئاچچىق سۇ ياندۇرۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇيا ئۇرۇقىدىن بەش تال، سوغىگۈلدىن تۆت گرام، قانتېپەردىن بەش گرام، سودادىن 6.0 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇيا ئۇرۇقىدىن بەش تال ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى ۋە ئاچچىق سۇ ياندۇرۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇيا ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ مىكروبسىزلاندۇرۇلغان داكا بىلەن تېڭىپ بەرسە، چىقان، زەخىملەنگەن جايلارنىڭ يىرىڭلاپ كېتىشى ۋە ھەرخىل يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇيىدىن 500 گرام ئېلىپ 1000 مىللىلىتىر سۇ قويۇپ، قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيى 500 مىللىلېتىر قالغۇچە قويۇلدۇرۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق ۋە ئاميۇبالىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى