چىغىرتماق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىغىرتماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ ۋە توم قىسقا تولغاشما شەكلىدە بولۇپ، قارامتۇل خورما رەڭدە كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى تۈۋىدىن كۆپلەپ توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى كەڭ يىپسىمان، چىداملىق، تومۇرلىرى تۈز، روشەن بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن، ئەتراپى سېرىق رەڭدە بولىدۇ؛ غوزا شەكىللىك مېۋىسى قىسقا تاياقسىمان ئالتە قىرلىق بولىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى قارامتۇل خورما رەڭدە، قىرلىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياخشى ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى پىشقان چاغدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تاسقاپ، تازىلاپ، يىلتىزىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، توپىلىرىنى ۋە چاچما
يىلتىزىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، ئېتىز قىرلىرى، ئېرىق بويلىرى، تاغ جىلغىلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چىغىرتماق ئۇرۇقى ۋە بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
12 گرام چىغىرتماق ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىغىرتماق ئۇرۇقىدىن 12 گرام، سەۋسەردىن 10 گرام، ئانار پوستىدىن 15 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، بۇ تالقاننى ئۈچكە
بۆلۈپ بىر كۈندە ئىچىپ بەرسە، ھەيز كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.