UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىجىنكېۋىزى

جىنكېۋىزى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، جىنكېۋىزىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرى شالاڭ ھەرە چىشلىق بولۇپ، قوشۇمچە يوپۇرماقلىرى جۈپ بولۇپ ئۆسىدۇ، شەكلى ئۈچ بۇرجەكلىك تېمىنىسىمان؛ باشاقسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى سۇس سۆسۈن ياكى سېرىق كېلىدۇ، قاسىراقلىق مېۋىسى سوقىچاق، ئىچىدە بىر دانە ئۇرۇقى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقان چاغدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تۇز بىلەن قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ غۇلجىدا كۆپ ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مۇسپىيلىكنى كۈچەيتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى يوقىتىش، يەل ھەيدەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، تېرىگە جۇلا بېرىش، نورمالسىز بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام جىنكېۋىزىنى سەككىز گرام ئەينۇلا، 10 گرام ھەزىم ئېچىتقۇسى، 12 گرام ياۋا كەشمىر، 10 چىلان بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 100 گرام جىنكېۋىزىنى 12 گرام ياڭاق مېغىزى، 65 گرام ئالقات بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، 10 گرام تالقاننى 20 گرام قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 65 گرام ياڭاق مېغىزىنى 12 گرام جىنكېۋىزى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سوغۇقتىن بولغان دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. جىنكېۋىزىنى قاينىتىپ، قويۇلدۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قاداققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى جىنكېۋىزىنى يۇمشاق سوقۇپ،% 75 لىك ئىسپىرت بىلەن قوشۇپ،% 20 لىك ئىسپىرتلىق ياسالما تەييارلاپ، يەتتە كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە سىرتقا سۈركەپ ئاپتاپقا قاقلاپ بەرسە، بەرەسكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. جىنكېۋىزىنى يۇمشاق ئېزىپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
جىنكېۋىزى | UyghurWiki | UyghurWiki