گۈلبوغۇن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى يۇمىلاق تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە رەتسىز يېرىقچىلار بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى شىنىسىمان، ئۈچكە چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كالپۇك شەكىللىك، رەڭگى سۇس سۆسۈن قىزىل، يۇمشاق ئاق تۈكلۈك كېلىدۇ، گۈللىرى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىغا توپلىشىپ ئۆسكەن ئايلانما گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك،
قاتتىق مېۋە، شەكلى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە گۈلى تولۇق
ئېچىلغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، كەسلەپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى كۈز پەسلىدە ئوبدان پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغلىق يەرلەردىكى چاتقاللىق، دەريا بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ گۈلبوغۇن 10 ~ 30 گرام، ئۇرۇقى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككى كىلوگرام گۈلبوغۇننى بىر كىلوگرام كىرەش، 140 گرام قۇستە بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن
ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن
ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلبوغۇن ۋە قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلدىن 53 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلبوغۇن ئۇرۇقىدىن 15 گرام، سەبدىگۈلدىن 12 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 10 گرام، تاجىگۈل ئۇرۇقىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ياللۇغى ۋە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە ئاق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 ~ 100 گرام گۈلبوغۇن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ۋە قان بېسىمى يۇقىرىلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام گۈلبوغۇن 8 ~ 12 گرام زۇلفا يوپۇرمىقى، 12 گرام ماڭدار، 10 گرام قۇشقاچتىل، 12 گرام چىنىگۈل، 12 ~ 20 گرام ئۈجمە يىلتىزى
پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈلبوغۇننى ئۇششاق توغراپ، بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن شامىسىنى ئېلىۋېتىپ،
ھەممە سۇيۇقلۇقنى قوشۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، بۇنىڭغا باراۋەر مىقداردا ھەسەل قوشۇپ يەنە قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى
قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىق، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قان
توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.