كەپە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كەپە ئائىلىسىدىكى يەردە يېتىپ، پېلەكسىمان ئۆسىدىغان، كەپىگە ئۇرۇقداش يېرىم چاتقال بولۇپ، يىلتىزى توم، پوستى قېلىن، ئاق سېرىق رەڭلىك، غولى توپلىشىپ يەرگە يېتىپ، پېلەكسىمان ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىن، يۈزى سىلىق، سەل ئويمان، شەكلى يۇمىلاق، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تال قاتتىق ئىلمەك تىكىنى بولىدۇ؛ گۈلى چوڭ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك كېلىدۇ، يېرىلغاندىن كېيىن ئىچكى پەردىسى قاندەك قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئۇرۇقى توق خورما رەڭ بولۇپ، تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ، ئۇرۇقىنىڭ تەمى ئاچچىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز پوستى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى، يوپۇرمىقى ۋە
يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، يىلتىزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى قۇرغاق قۇملۇق، شېغىللىق پەس تاغ باغرىلىرى ۋە قۇمساڭغۇ يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يەل تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇقنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككى گرام ھۆل كەپە يىلتىزىنى 5.0 گرام ھۆل كەپە مېۋىسى بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، داكا بىلەن يەرلىك
ئورۇننى تېڭىپ بەرسە، ئۆتكۈر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى گرام ھۆل كەپە يوپۇرمىقىغا بىر گرام ھۆل كەپە مېۋىسىدىن قوشۇپ يۇمشاق ئېزىپ، مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،
ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر گرام ھۆل كەپە مېۋىسىنى ئىككى گرام ھۆل يوپۇرمىقى بىلەن بىللە ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىتىلغان ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،
يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.