UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىجامكا

جامكا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ جامكا ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، جامكىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇنىڭ يۈزىدە لەيلەپ ئۆسىدۇ، بىر تال تالاسىمان يىلتىزى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان، سوقىچاقراق ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق، يېشىل رەڭلىك بولۇپ، ئىككى يۈزى سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز مەزگىللىرىدە سۈزۈۋېلىپ تازىلاپ، يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆل، شاللىق ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ماددىلارنى تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. جامكا، يالپۇز، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يەلتاشما ۋە قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. جامكىدىن سەككىز گرام، تەكىيە كاۋا شۆپۈكىدىن 35 گرام، تاۋۇز شۆپۈكىدىن 70 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 35 گرام جامكىنى 70 گرام قىزىل قىچا، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى، 10 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، چېكىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆرۈك ئۈچكىسىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، ھەيزدىن كېيىن ئۈچ كۈنگىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جامكىدىن 35 گرام، قىزىل قىچىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆت گراملىقتىن كۇمىلاچ ياساپ، ھەيزدىن كېيىن، ئۈچ كۈنگىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى