UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاتقۇلاق

ئاتقۇلاق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئاتقۇلاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدۇ، يىلىتىزى سېمىز، توم بولۇپ، كېسىلگەن يۈزى توق سېرىق؛ غولى تىك، ئىنچىكە ئېرىقچىلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن، شەكلى تار، ئۇزۇن سوقىچاق، گىرۋەكلىرىدە دولقۇنسىمان پۇرۇلمىلىرى بولىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، سېپى قىسقا، يوپۇرماق غىلىپى كانايسىمان، پەردىلەشكەن بولىدۇ؛ گۈل رېتى چوڭ كونۇسسىمان، گۈللىرى ئۇششاق بولۇپ، ئالتە تال ئاتىلىقى بولىدۇ، رەڭگى سۇس يېشىل، ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ؛ ئۇرۇق مېۋىسى سوقىچاق، ئۈچ قىرلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كەچ كۈزدە يىلتىزىنى قېزىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا، كۆل ۋە كۆلچەك بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىسسىق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان توختىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قارپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلدۇ. ئاتقۇلاق يىلتىزىدىن 12 ~ 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىش كېسەللىكى، بۇرۇن قاناش، بالىياتقۇ قاناش، ئاق قان كېسىلى ۋە قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاتقۇلاق يىلتىزى، مامىرانچىن، سوغىگۈللەرنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، شاپاق يارىسى، چىيقان ۋە يىرىڭلىق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 500 گرام ئاتقۇلاق يىلتىزىنى بىلەن 500 گرام ئاتقۇلاق يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ ئۇششاق توغراپ، ئۈچ كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ، پىشۇرۇپ، ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، يەنە قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، شاپاق يارىسى، چىيقان ۋە يىرىڭلىق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ھۆل ئاتقۇلاق يىلتىزىنى سوقۇپ شىرىسىنى چىقىرىپ، رەيھان شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىمگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ئاتقۇلاقنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىمگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاتقۇلاق يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، تاز ۋە ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك تەمرەتكىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ئاتقۇلاق يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، بۇنىڭغا 12 گرام تازىلانغان شور قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى