كالىي زىرە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، زاراڭزىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 120 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى بىر ئاز ئۇزۇن، ئەتراپلىرى چىشلىق؛ گۈلىنىڭ رەڭگى كاسىنە گۈلىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش كۆك، ئۇرۇقىمۇ كاسىنىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ، غىلاپنىڭ ئىچىدە بولىدۇ (لېكىن بۇنىڭ غىلىپى ئۈستۈنرەك تۇرىدۇ)، ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى قارا، تەمى بەك ئاچچىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئۇرۇقىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
بەلغەمنى سۈرۈش، مەددىنى چۈشۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 5 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كالىي زىرىدىن 1 ~ 3 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى ھەرخىل قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ،
غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تازىلايدۇ.
كالىي زىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىق، سوزۇلما تەپ ۋە مۇپاسىل
ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كالىي زىرىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، مەددە چۈشۈرۈپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.