UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىپىياز

پىياز

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، پىيازغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا يىلتىزسىمان غولىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئىششىق تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 10 ~ 20 ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. پىيازنى گۆش، ياغلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، زەھەرلىنىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خام پىيازنى تاماق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ. چوڭ تەرەتنى بوشىتىدۇ. پىيازنى قوينىڭ دۈمبە يېغى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. پىيازنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ ياكى قىزىلگۈل ئەرقى بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تال، جىگەر كېسەللىكلىرى، ھەزىم ناچارلىشىش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەپرا خىلىتىدىن بولغان ھوشسىزلىنىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى يەككە ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ، زەھەر قايتۇرىدۇ. پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، غالجىر ئىت چىشلىگەن زەھەرنى قايتۇرىدۇ. ئاۋۋال سۈرگە بىلەن ئىچىنى تازىلاپ، ئاندىن پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى سۈزۈپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كۆز ياشاڭغىراش، كۆز قىچىشىش، كۆزگە سۇ چۈشۈش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىياز سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆزىدىكى ئاقنى ۋە جاراھەتلەرنى ساقايتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، مېڭىنى تازىلايدۇ. خام پىيازنى پۇراپ بەرسە، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئېغىرلىق، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە قۇلاق جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چايان چاققان زەھەرنى قايتۇرۇپ، ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قاننى توختىتىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى يۈزگە چېپىپ بەرسە، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. پىيازنى ھەسەل، تۇز ۋە مىلتىق دورىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەرەس، سۆگەل ۋە قارا داغلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى ئادەم چېچى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غالجىر ئىت چىشلىگەنلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى ئادەم چېچى، سۇزاپ، تۇز، ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سۆگەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى ئەنجۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چايان، ھەرە چاققانغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنىڭ يىرىڭىنى يىغىپ، ئېغىز ئالدۇرىدۇ. پىيازنى تۇخۇم سېرىقى ياكى يېڭى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، مەقئەت قىچىشىش ۋە مەقئەت ئىششىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پەي تارتىشىش، مەقئەت يېرىلىش، بوۋاسىر، تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تىرناققا چېپىپ بەرسە، تەتۈر ئۆسكەن تىرناقنى ساقايتىدۇ؛ مەقئەتكە چېپىپ بەرسە، بوۋاسىردىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى