چىڭگىلىك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يۆگىشىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، چىڭگىلىككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدە ئاق سۈت بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن بولۇپ، ئوقيا ئۇچىغا ئوخشايدۇ، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، ئارقىسى سۇس يېشىل كېلىدۇ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ؛ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسكەن بولۇپ، رەڭگى ئاقۇچ جىگەر رەڭ كېلىدۇ. غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى ئۇزۇن مۈڭگۈزگە ئوخشايدۇ، پىشقاندىن كېيىن ئۇزۇنىسىغا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى خورما رەڭلىك، ياپىلاق، ئۇچىدا نۇرغۇن ئاق ئۇزۇن تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى ياز ۋە كۈزدە كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەر، تاغ باغرى ۋە چاتقال ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ھۆللۈكنى تارقىتىش، سۇيۇقلۇقنى راۋان قىلىش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چىڭگىلىك يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك ياللۇغى ۋە سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چىڭگىلىك يىلتىزىنى تەڭ مىقداردىكى زىرە بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام چىڭگىلىك يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام چىڭگىلىك يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.