مازارىيون
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مازارىيون ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، مازارىيونغا ئۇرۇقداش كىچىك چاتقال بولۇپ، غولى تىك ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى 40 ~ 120 سانتىمېتىر كېلىدۇ، قېرى شاخلىرىنىڭ رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر، يۇمران شاخلىرىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ، بېغىر رەڭ كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى يۇمران شاخلىرىنىڭ ئۇچىغا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تەتۈر تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك، سېپى يوق بولۇپ، خۇددى سۆگەت يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى يۇمران شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئادەتتە بىر گۈل رېتىدە ئۈچتىن بەشكىچە گۈللىرى بولىدۇ، گۈل تاجىسى ئاق، شەكلى رومكىغا ئوخشايدۇ، ئۈستىدىكى قىسمى تۆتكە يېرىلغان، ئاتىلىقى سەككىز تال بولۇپ، گۈل تاجىسىغا يېپىشىپ، ئىككى ئايلانما بولۇپ جايلاشقان، مېۋىسى شىرلىك، ئۈچكىلىك مېۋە، شەكلى شارسىمان بولۇپ، پىشقاندا قارىيىدۇ، بىر تال ئۇرۇقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ۋە قوۋزىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە قوۋزىقى بىلەن يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئېتەكلىرى ۋە
چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يۆتەل توختىتىش، دەم سىقىلىشنى بېسىش، تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى تازىلاش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 5.0 ~ 1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مازارىيون قوۋزىقىدىن بىر گرام، زۇپادىن ئىككى گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا قايناتمىنىڭ يېرىمىنى
ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر گرام مازارىيون يوپۇرمىقىنى ئىككى گرام زۇپا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مازارىيون قوۋزىقىدىن بىر گرام، كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزەدىن ئىككى گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان
زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر گرام مازارىيون يوپۇرمىقىنى ئىككى گرام كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزە بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان
زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مازارىيون قوۋزىقىد بىر گرام، ئارچا يوپۇرمىقىدىن ئىككى گرام، كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزەدىن ئىككى گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.