قاراماي شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1939 - يىلى قۇرۇلغان. ئەينى
ۋاقىتتا قاراماي شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا دەپ ئاتالغان. 1961 - يىلدىن باشلاپ ھازىرقى ئىسمى قوللىنىلغان. خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ.
مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 51359 كۋادرات مېتىر، 1959 - يىلدىن بۇيان 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. <ئاپتونوم رايون بويىچە
ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى>، <مەملىكەتلىك قورشاۋ شاھمات نوتىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىغا ئەزا ئورۇن>، <نېفىت
سىستېمىسىدىكى مائارىپىتىكى ئىلغار ئورۇن> قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1596 - نەپەر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى -
خىزمەتچى سانى 156 نەپەر.