UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر

قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە قائىدىلەر ھەمدە باشقا دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، قانۇن - قائىدىلەرگە خىلاپ بولغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: باشقىلارنى دىنغا ئىشىنش ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىغا قارىتا قورقۇتۇش، كەمسىتىش، سىقىپ چىقىرىش، يېتىم قالدۇرۇش، بېسىم ئىشلىتىش ۋە زەربە بېرىش، باشقىلارنى روزا تۇتۇشقا مەجبۇرلاش ياكى روزا تۇتۇشنى باھانە قىلىپ ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە دەخلى يەتكۈزۈش، ئاياللارنى چۈمبەل تارتىشقا مەجبۇرلاش، شەخسىي دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي سىنىپلارنى تەسىس قىلىش، ئۆز ئالدىغا تالىپ تەربىيىلەش، دىن ئارقىلىق دۆلەتنى مەمۇرىي، ئەدلىيە خىزمىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش، يەنى توي خېتى ئالمىغان قىز - يىگىتلەر ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇش، <ئۈچ تالاق> ئوقۇش ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجرىتىۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نىكاھقا دەخلى - تەرۇز قىلىش، بالىلارنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئۆگىنىشكە، روزا تۇتۇشقا قىزىقتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزۈش، دىن ئارقىلىق مىراس تەقسىملەشكە دەخلى يەتكۈزۈش، دىن ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ئۆز ئالدىغان ھەج پائالىيىتى تەشكىللەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان فېئودال دىنىي ئالاھىدە ھوقۇق ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەزان چاقىرىش، ئاخۇن ئەۋەتىش، دىنىي ۋەز ئېيتىش، دىنىي كەسپىي لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولمىغان خادىملار دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش، ئىجازەتسىز ھالدا رايون ھالقىغان (يېزا، ناھىيە) دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن باشقا يەردە دىنىي تەشۋىقات بۇيۇنلىرىنى ئىشلەش، كۆپەيتىش، تۈزۈش، نەشىر قىلىش، تارقىتىش، سېتىش؛ چەت ئەللىك دىنىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسنىڭ سوۋغاتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىسىز قوبۇل قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چەت ئەللەردىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئۆگىنىش، قۇرئان سۆزلەش، ئۆز ئالدىغان چەت ئەللەرنىڭ دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بېرىش - كېلىش قىلىش قاتارلىقلار. ئىجازەتسىز ھالدا تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغان پائالىيەت ئورنى تەسىس قىلىش، خالىغانچە شاگىرتلىرىنى كۆپەيتىش، ئۆز ئالدىغا دىن تارقىتىش، ۋەرتەن سۆيەر دىنىي زاتلارغا ھۇجۇم قىلىش، ھاقارەتلەش، ھەتتا قەست قىلىش، دىنىي پائالىيەت سورۇنى بىلەن دىنىي مۇنبەرنى ئىگىلىۋېلىش، دۆلەت سىرتىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر دۆلىتىمىزگە دىنىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىپ، چېگرا ئىچىدە قۇرئان قائىدىلىرىنى سۆزلەش، دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، دىنىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش، دىنىي مۇرتلارنى كۆپەيتىش، دىنىي خادىملارنى تەربىيىلەش، دىنىي بىلىم ئاشۇرغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، يات دىنلاردىن قۇسۇر چىقىرىش، بىر خىل مەزھەپ ياكى ئوخشاش بولمىغان مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ بىتئەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىش، نورمال دىنىي تەرتىپنى بۇزۇش، دىندىن پايدىلىنىپ <غازات ئۇرىشى> ئېلىپ بېرىش، پان ئىسلامنى تەرغىپ قىلىش، قۇرئاندىكى دىنىي مەنىلەرنى بۇرمىلاش، دىننىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاش، دىنىي قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش، <ئەۋلىيە>، <تەڭرىنىڭ پانى دۇنياغا كېلىشى>، <ئاخىرقى زامان بولدى> دېگەندەك گەپلەرنى توقۇپ تارقىتىش، كىشىلەرنىڭ روھىنى زەھەرلەش، قەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش، دىندىن پايدىلىنىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش، خەلق ئاممىسىنى قوزغىتىپ قانۇنسىز يىغىلىش ئېلىپ بېرىپ، كۈچ كۆرسىتىپ نامايىش قىلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، دىننىڭ قانۇنىي ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارنى قۇرۇش، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان ھەرخىل جىنايى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئىككى خىل تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى خىلى، دىنىي تەشكىلات، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا تايىنىپ، قانۇنىي ئېڭى تۆۋەن ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قائىدە ۋە سىياسەتلەرنى چۈشەنمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، ھېچقانداق سىياسىي مۇددىئانى كۆزلىمىگەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردۇر. بۇ خىل قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر ئادەتتە خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى تەربىيە، تەنقىد، يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەمۇرىي، قانۇن قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توسىغىلى ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا، سىياسىي مۇددىئانى كۆزلىگەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتتۇر. يەنى دىن ئارقىلىق دىنىي پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىن قۇسۇر چىقىرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارنى قۇرۇش، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش قاتارلىق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خاراكتېرگە تەۋە دىنىي پائالىيەتلەر بولۇپ، بۇ خىل قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا، چوقۇم قەتئىي ھالدا قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق زەربە بېرىشىمىز ۋە جازالىشىمىز لازىم.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى