UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى

شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى - يىلى قۇرۇلغان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىگە بىۋاستە قاراشلىق بولغان ئالىي دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارماقلىرىغا ئالىي دەرىجىلىك دېھقان - چارۋىچىلىق كەسپىي خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيلەيدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئىنستىتۇتتا ئاگرونوم فاكولتېتى، سۇ قۇرۇلۇش فاكولتېتى، يېزا - ئىگىلىك ئىقتىساد فاكولتېتى، سىستېمىلاشقان پەن - تېخنىكا فاكولتېتى، يېمەكلىك ئىلمى فاكولتېتى قاتارلىق فاكولتېتلار بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمى، ئاساسىي پەنلەر بۆلۈمى، بىئولوگىيە ئاساسىي پەنلىرى بۆلۈمى، ئايرىم ھالدا يەنە ئۆسۈملۈك بۆلۈمى، مىۋە - چېۋە، سەي - كۆكتات، ئورمانچىلىق ئىلمى، چارۋا - مال دوختۇرلۇق، ھايۋاناتلارنى بېقىش ۋە ئوزۇقلۇقنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا - ئىگىلىك ئىقتىسادىي، دېھقانچىلىق ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە پىلانى، دېھقان - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق سىستېما تىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1980 - يىلدىن باشلاپ، ماگىستىر، ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئىنستىتۇتتا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كادىرلىرىنى تەربىيلەش مەركىزىي، چوڭلار مائارىپ باشقارمىسى، سىرتتىن ئوقۇش بۆلۈمى، ھەر خىل شەكىلدىكى چوڭلار ئالىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ ياتاق كۆلىمى 112 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 199800000 كۋادراتمېتىر كېلىدىغان تەجرىبە مەيدانى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ كىتاب ساقلاش ئورنى بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانىدا 230000 دىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان. ئىنستىتۇت بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەسپىي ئالاھىدىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، 15 تەتقىقات ئاپپاراتى قۇردى، يەنى ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئىشخانىسى دۆلەت تەرىپىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە ئېچىۋېتىلگەن تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئىنستىتۇت 1978 - يىلدىن 1991 - يىلىغىچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان 654 خىل تەتقىقات تېمىسى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 165 خىل دۆلەت ،ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 102 خىل تەتقىقات تېمىسى دۆلەت مىنىستىر كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىنستىتۇت ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىلمى ژۇرنال يەنى <شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئىلمى ژۇرنىلى> نى نەشىر قىلغان. 1996 - يىلغا بارغاندا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 458 گە (ئۇنىڭ ئىچىدە 34 پروفىسسور، 125 دوتسىنىت، 145 لېكتور، 95 ئاتسىنىت، ئوقۇتۇش خادىملىرىدىن 95 كىشى بار) مەخسۇس تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 3049 نەپەرگە يەتتى. 1996 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پېداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki