UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ

قاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇپ، 1978 - يىلى 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى ۋە قىسىم گازارمىسى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلغان. 1980 - يىلى 10 - ئايدا قاراماي تارىم يولى شىمالىي رايونى 102 - نومۇرغا (ھازىرقى ئورنىغا) كۆچۈرۈلگەن. 1986 - يىلى 9 - ئايدا شۆبە دوختۇرخانا قۇرغان. 1994 - يىلى شۆبە دوختۇرخانا ئايرىلىپ چىققان. بۇ مەكتەپ جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز باش شىركىتىنىڭ تۆت كەسپىي تېببىي مەكتەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. دوختۇرلۇق، سىستېرا، لابوراتورىيە، تۇغۈت، ئورىگەرلىك، ئالىي سىستېرالىق، ئانا - بالىلار سەھىيىسى، مىدىتسىنا بوغالتىرلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان. 1985 - يىلى 4 - ھەربىي مىدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سىستېرالىق مەخسۇس كۇرس سىنىپى ئاچقان. 1997 - يىلى داچىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، داۋالاش مەخسۇس كۇرسى سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 25600 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى 11400 كۋادرات مېتىر بولۇپ ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبە بىناسى، كۇتۇپخانا ئۇنىۋېرسال بىناسى قاتارلىق 10 نەچچە يۈرۈش قۇرۇلۇشى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 60000 پارچە. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2040 دىن ئارتۇق كەسپىي خادىم تەربىيىلىگەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 38 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي لىكتور سەككىز نەپەر، لېكتور 12 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 591 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
قاراماي شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ | UyghurWiki | UyghurWiki