UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىساۋەن ناھىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى

ساۋەن ناھىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى پېداگوگىكا مائارىپى ساۋەن ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان. ناھىيىلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا تەۋە. 1979 - يىلى مەكتەپ نامى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى ساۋەن تارماق مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1986 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 5500 كۋادرات مېتىر، بىر يۈرۈش يەر يۈزى سۈنئىي ھەمرا قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى ھەم كامېرالىق تېلېۋىزوردا نازارەت قىلىش ئاپپاراتى، كىتاب، ئۈن - سىن ماتېرىياللار سەپلەنگەن. 1999 - يىلى 16 ئوقۇتۇش سىنىپى بولۇپ، قازاقچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلگەن. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 2550 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 44 نەپەرگە، ئالىي دەرىجىلىك لېكتور تۆت نەپەرگە يەتكەن. 1999 - يىلغا قەدەر جەمئىي تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار 3000 نەپەردىن ئاشقان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى