UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىسانجى پېداگوگىكا مەكتىپى

سانجى پېداگوگىكا مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى پېداگوگىكا مائارىپى - يىلى 9 - ئايدا ئەسلىدىكى گۇچۇڭ پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە ماناس پېداگوگىكا مەكتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان. خۇيزۇ، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى 1995 - يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 100 نۇقتىلىق مىللىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ بىرسى دەپ بېكىتىلگەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 47785 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 17570 كۋادرات مېتىر، مەكتەپتە ئالتە كەسىپ، 21 سىنىپ بار بولۇپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1999 ـ يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 846 نەپەر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 120 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچى 74 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 نەپەر ئالىي لىكتور بار. كۆپ يىللاردىن بۇيان 15 پارچە ئەسەر، ئۈچ پارچە ئىجتىمائىي پەن قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى نەشىر قىلدۇرغان. 1999 - يىلغا قەدەر 1216 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سانى 473 نەپەرگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 1118 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى 464 نەپەر بولغان، 374 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى تەربىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇدىرلىرى 85 نەپەر بولغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى