UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىغۇلجا تېببىي مەكتەپ

غۇلجا تېببىي مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1946 - يىلى 8 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈنىتى تەسىس قىلغان. 1950 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك تېببىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن. 1961 - يىلى ئۈرۈمچى تېببىي مەكتىپى غۇلجىغا كۆچۈرۈلگەن ھەمدە بۇ مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. 1993 - يىلى قۇرۇلغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي كەسپىي مەكتىپىمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 39960 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. مۇقىم مۈلكى 14000000 يۈەندىن ئارتۇق. داۋالاش مەخسۇس كۇرسى، تېببىي تەكشۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش ھەم ناركوز قىلىش، سىستېرالىق، تېببىي فېلشېرى، ئاتا - ئانىلار فېلشېرلىقى، پىلانلىق تۇغۇت فېلشېرلىقى، تېببىي دىئاگنورتىكا، چوڭلار فېلشېرلىقى، تېببىي بوغالتىرلىقى قاتارلىق كەسىپىلەر تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە سىستېرالىق كەسپى ئۆزىگە خاس ئۈستۈنلۈككە ئىگە. 1999 - يىلى مەكتەپتە 1600 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر 70 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. مىللىي سىنىپلاردا خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1999 ـ يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 214 نەپەر، كەسپىي تېخنىك خادىم 156 نەپەر. كەسپىي ئوقۇتقۇچى 91 نەپەر. يۇقىرى دەرىجىدىكى لېكتور 24 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلىنىپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 10000 دىن ئاشقان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
غۇلجا تېببىي مەكتەپ | UyghurWiki | UyghurWiki