ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى قۇرۇلغان، 1961 - يىلى تاقىلىپ، 1975 - يىلى 6 - ئايدا قايتا قۇرۇلغان. 1980 - يىلى ئۈرۈمچى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بۇ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ، مەكتەپنىڭ شۆبە دوختۇرخانىسى بولۇپ قالغان، مەكتەپنىڭ
ئوقۇتۇش بۆلىكى شەرقى باجياخۇ يولىدىكى ئەسلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1982 - يىلى شۆبە دوختۇرخانا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ قايتىدىن جەنۇبىي دوستلۇق يولىدىكى ئەسلىدىكى ئورنىغا كۆچكەن. 1984 - يىلى 5 - ئايدا بۇ مەكتەپ ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، مەكتەپنىڭ كۆلىمى پەيدىنپەي كېڭەيگەن. مەكتەپتە پارتكوم ئىشخانىسى، مەمۇرى ئىشخانا، تەربىيىلەش بۆلۈمى، مىدىتسىنا كافىدراسى، ئېغىز بوشلۇقى كافىدراسى، ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى، ئىلمىي بۆلۈم، خوجىلىق
بۆلۈم، مۇلازىمەت مەركىزى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق بۆلۈملەر بار. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 17708 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل 16 تەجرىبىخانىسى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 30000 غا يېقىن. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ سىستېرالىق، ئېغىز بوشلۇقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئانا - بالىلار، تۇغۇت، لابوراتورىيە، دەورىگەرلىك، قۇرۇق يىڭنە سانجىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى كەسپى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر
تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ سىنىپ ئاچقان. 1992 -، 1994 - يىللىرى بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 120 نەپەر (ئالىي لېكتور 21 نەپەر، لېكتور 24 نەپەر، ياردەمچى لېكتور سەككىز نەپەر)، ئوقۇغۇچى سانى 1700 نەپەردىن ئارتۇق.
مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 4500 نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.