قەشقەر مالىيە سودا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 9 - ئايدا ئەسلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەمكارلىق كادىرلار مەكتىپى، بانكا كادىرلار مەكتىپى،
سودا كادىرلار مەكتىپى بىرلىشىپ قۇرۇلغان. قەشقەر شەھەرلىك خەلق يولى 343 - نومۇرغا جايلاشقان. 1994 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئۆلكە دەرىجىلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىكك مالىيە ئىدارىسىگە تەۋە. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 53280 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 28000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ تارمىقىدا يەنە جۇڭخۇا بوغالتىرلار سىرتتىن ئوقۇتۇش مەكتىپىنىڭ كونسۇلتاتسىيە پونكىتى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى سىرتتىن ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە پونكىتى تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 50000 پارچىدىن ئاشىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 13000 ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 10 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1456 نەپەر.