ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 6 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان. 1987 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىشچى
- خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى بىلەن بىرلىشىپ، بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىككى ۋىۋىسكىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى كەسپىي ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1992 - يىلى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى بىلەن پارتىيە مەكتىپى ئايرىلغان. 1998 - يىلى 4 - ئايدا تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكوم ئىدارە پارتىيە مەكتىپى، مائارىپ ئىنستىتۇتى، كادىرلار مەكتىپى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەكتىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئاپپارات تۆت ۋىۋىسكا قىلىشنى قارار قىلغان. تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومغا تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 61342.2 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلاىمى 5844 كۋادرات مېتىر. ئاساسىي ۋەزىپىسى تۆمۈريول
ئىدارىسى باشقارما، بۆلۈم دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئوتتۇرا ياش، ياش پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار ۋە تەشۋىقات نەزەرىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەش، مەكتەپتە ئىشخانا، خوجىلىق بۆلۈم، مالىيە بۆلۈمى، ئىلمىي بۆلمۈ، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى، كۇتۇپخانا، ماركىسىزم - لېنىنىزم كافىدراسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش كافىدراسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاساسىي پەنلەر كەسىپى تېخنىكا كافىدراسى قاتارلىق 12 بۆلۈم تەسىس قىلىنغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 10000پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ شتاتى 98. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 28 (دوتسىنت توققۇز نەپەر، ئالىي لىكتور بىر نەپەر، لىكتور 15 نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئۈچ
نەپەر). ئوقۇغۇچى سانى 595 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرخىل بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى، خىزمەت ئورنىدا تەربىيىلەش سىنىپى، ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلانى تەربىيىلەش سىنىپى قاتارلىق سىنىپىتىن 295 قارار ئېچىپ، 13253 نەپەر ھەر دەرىجىلىك كادىر تەربىيىلىگەن. ئالىي، ئوتتۇر
تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى سىنىپىدىن تۆتنى ئېچىپ، 210 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇيدىغان
ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن 1425 نەپەرنى تەربىيىلىگەن.