ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 1 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى تېببىي ئىنستىتۇت يولى 6 - نومۇردا قۇرۇلغان. 1989 - يىلى بەخت
يولى 72 - نومۇرغا كۆچۈرۈلگەن. بۇ مەكتەپ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر <دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خەلق قۇرغان> تۈزۈلمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك
كەسپىي تېخنىكا خادىملارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن شەھەرلىك
پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا، كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشقا تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا
ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىقتىساد، سانائەت، كومپيۇتېر، سودا - سانائەت باشقۇرۇش، تىل - ئەدەبىيات، چەت ئەل تىلى، قوللىنىشچان سەنئەت قاتارلىق
فاكۇلتېتلار، ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمى، ئاساسىي بۆلۈم، ئىلمىي بۆلۈم، چوڭلار مائارىپى باشقارمىسى، ئىشتىن سىرتقى ئوقۇش بۆلۈمى، ئوتتۇرا
تېخنىكوم بۆلۈمى، ھېسابلاش مەركىزى، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش مەركزى، تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى ۋە ئوقۇتۇش
قوشۇمچە ئۇرۇنلىرىنى تەسىس قىلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 153341 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 12500 كۋادرات مېتىر. 32
كەسپىي فۇنكىسىيىكلىك تەجرىبىخانا قۇرۇلغان. مەكتەپ ئىچى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنى تور ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
كۇتۇپخاندا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 120000 پارچىدىن ئارتۇق. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە بىردىنبىر ئاپتونوم
رايونلۇق ئىس تۈتەكسىز ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ساغلاملىق پائالىيىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ
سەككىز قېتىم دۆلەت مائارىپ كومىتېتى، مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىكى، ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن ئالىي مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان، 1992 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك
ئورۇن ۋە ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان، بۇ نامنى ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلمەكتە. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 408 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى
6400 نەپەر، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 16131 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى.