UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى 1956 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يارىمى ئاستىدا مەملىكىتىمىزنىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانىدىكى 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى بولغان. دەسلىپىدە داۋالاش فاكولتېتى ۋە بىر شۆبە دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىنغان.1978- يىلى دورىگەرلىك فاكولتېتى، گېگىنا فاكولتېتى ۋە ئىككىنچى شۆبە دوختۇرخانسىنى كۆپەيتىپ قۇرغان، شۇ يىلى بەزى پەنلەر بويىچە ماگىستىر، ئاسپىرانت قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 1960 - يىلى ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، 1980 - يىلى ئوقۇغۇچى قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1988- يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم دوكتور، ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلغان. شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئاۋۋال، فىزىئولوگىيە، پاتو فىزىئولوگىيە فارماكولوگىيە، ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى، ئاياللار كېسەللىكى ۋە تۇغۇت ئىلمى، ئادەم ئاناتومىيىسى، پاتو ئاناتومىيە، توقۇلما ۋە ئىمبرىئولوگىيە (تۆرەلمىشۇناسلق)، بالىلار كېسەللىكلەر ئىلمى، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى ئىلمى، ئېغىز بوشلۇقى ئىلمى، تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى، رادىئاتسىيە ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش ئىلمى، ئۇزۇقلۇق ئىلمى، يېمەكلىك تازىلقى ئىلمى، مۇھىت تازىلىقى ئىلمى، بالىلار تازىلىقى ئىلمى، ئەمگەك تازىلىق ئىلمى، تېببىي ستاتىستىكا قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان بولۇپ، دوكتور، ئاسپىرانت تەربىيلەن نۇقتىسىدىن ئىككىسى، ماگىستىر، ئاسپىرانت تەربىيلەش نۇقتىسىدىن 28 ى، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق پەنلەردىن ئۈچى بولغان. مەكتەپ كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، زامانىۋى داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە. ئوقۇتقۇچىلاردىن 421 ى (بۇنىڭ ئىچىدە پروفسسوردىن 55 نەپەر، دوستىنىتتىن 105 نەپەر، لىكتوردىن 177 نەپەر، ئاستنىتتىن 61 ى) بار. مەكتەپتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 3014 نەپەر. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بۇ ئىنستىتۇت كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك، مېنىستىر دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىرىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىللەيدۇ. ھەر قايسى شۆبە دوختۇرخانىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىلىك كۆچۈرۈش، يۈرەك كۆچۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قاپلىق قۇرت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەتقىقاتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا خېلى مۇھىم ئىلمى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنستىتۇت قۇرۇلغان 42 يىلدىن بۇيان، جەمئىيەت ئۈچۈن دوكتور، ماگىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاش خادىمىدىن 17 مىڭ 810 كىشىنى تەربىيلەپ چىقتى. 1998 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى ئاستىدا شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى قوشۇلۇپ ھازىرقى شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki