شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكومى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكومى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر سانائەت ئالىي تېخنىكوم
ھېسابلىنىدۇ. 1958 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ بۆلۈمى ئىككىنچى تەييارلىق مەكتىپى
كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن شىنجاڭدا قۇرغان شىنجاڭ كۆمۈركان مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1960 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ كۆمۈركان ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. كۆمۈر قېزىش، كان قۇدۇقى قۇرۇلۇشى،
توپا قۇرۇلۇشى، كۆمۈركان ماشىنىسازلىقى قاتارلىق تۆت كەسىپ تەسىس قىلىپ، بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى
تەربىيىلىگەن. 1962 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆمۈركان مەكتىپى دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەر
ئاستىدا كۆمۈر قېزىش، كۆمۈركان ماشىنىسازلىقى قاتارلىق ئىككى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي تەسىس قىلىنغان. 1966 -، 1997 - يىلغىچە <
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> دەۋرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىغان. 1977 - يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1978 - يىلى ئوتتۇرا
تېخنىكوم سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، ئالىي تېخنىكوم سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1985 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 -
كۈنى سابىق دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالىي تېخنىكوم قىلىپ ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ كۆمۈركان ئالىي تېخنىكومى
قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1994 - يىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكومى
قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. 12 پارتىيە ھۆكۈمەت بۆلۈمى، توققۇز ئوقۇتۇش ئورنى، بىر ئوقۇتۇش شۆبىسى بار. 1999 -
يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 446 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 217 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دوتسىنت 44 نەپەر، لېكتور 108
نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش خادىمى 65، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 411 نەپەر. چوڭلار ئوقۇش تارىخى مائارىپى
بويىچە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 1100 نەپەر. دەرسلىكلەر سانائەت كەسپى ۋە باشقۇرۇش كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھازىر قېزىش
تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش، گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، كومپيۇتېر قائىدىلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ئېلېكترون قۇرۇلۇشى ۋە
ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش، ئاپتوماتلاشقان كۆرسەتكۈچ سائەت، ماشىنا ۋە تراكتور، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى،
سانائەت ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى، شامال ئۆتۈشتۈرۈش ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش، مۇھىتنى ئۆلچەش تېخنىكىسى
قاتارلىق 17 مەخسۇس كۇرس كەسپى، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى كومپيۇتېر قائىدىلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس كۇرس كەسپى بار،
كان قۇرۇلۇشى، ماشىنىسازلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كومپيۇتېر ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، كومپيۇتېر ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش، ئاپتوماتلاشقان
كۆرسەتكۈچ، مەمۇرىي باشقۇرۇش (تولۇق كۇرس)، ئىگىلىك باشقۇرۇش (تولۇق كۇرس)، كارخانا باشقۇرۇش، سانائەت ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش قاتارلىق
چوڭلار مائارىپ كەسپىلىرى تەسىس قىلىنغان. كانچىلىق فاكۇلتېتى، ماشىنىسازلىق، بىخەتەرلىك فاكۇلتېتى، ئاساسىي بۆلۈم، خەنزۇ تىلى
ئوقۇتۇش ئىشخانىسى، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتۇش بۆلۈمى، ھېسابلاش مەركىزى، تەنتەربىيە بۆلۈمى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 28 ئوقۇتۇش تەتقىقات
ئىشخانىسى، 24 تەجرىباخانىسى بار. مەكتەپ ئىچىدىكى زاۋۇتتىن سىرت يەنە 12 يەردە نۇقتىلىق پراكتىكا بازىسى بار. 1994 - يىلى مەكتەپتىكى
ھەرقايسى فاكۇلتېت، بۆلۈملەر مۇدىر قاتارلىق ئوتتۇرا قاتلام كادىرلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئىشلىتىش مۇددىتى ئۈچ يىل،
نۆۋەتتە ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلىندى. 1996 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە <مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرۇلۇش مودېلى مۇسابىقىسى>
دە بىر قېتىم ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايوندا ئالتە قېتىم بىرىنچى دەرىجىگە، سەككىز قېتىم ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن.
1996 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە كارخانا مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرگەن تىك يۆنىلىشلىك تەتقىقات تېمىسى ۋە پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت تۈرى 19 خىل،
1989 - يىلى مەكتەپ ئۆزى لايىھىلىگەن 05KI تىپلىق كان قۇدۇقى ئاساسىي شامال ئۆتكۈزۈش ماشىنىسى مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى ئىشلىتىش
پاتنىتقا ئېرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. 1989 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن -
تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش باھالىشىدىن ئۆتكەن. 1990 - يىلى
شىنجاڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلات ئالتۇن ئات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1995 - يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەھسۇلات نامى ۋە گۇۋاھنامىسىگە
ئىگە بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل گېزىت - ژۇرناللاردا 4192 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 1993 -، 1995 -، 1997 - يىللىرى
مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىكى، مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى، دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن <مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ يازلىق كانىكولدا مەدەنىيەت، تېخنىكا،
سەھىيەدىن ئىبارەت ئۈچنى يېزىلاردغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى> بويىچە ئىلغار ئورۇن ۋە تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1998 -، 1999 - يىللىرى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ كومىتېتى، ئوقۇغۇچىلار
بىرلەشمىسى تەرىپىدىن <مۇنەۋۋەر پىدائىي مۇلازىمەتچىلەر تەشكىللەش خىزمىتى مۇكاپاتىغا> ئېرىشكەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 72000
كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 63200 كۋادرات مېتىر. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 136000 پارچە. مەكتەپ قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر 6995 نەپەر
ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە تۈرلۈك قىسقا مۇددەتلىك تەربىيە ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن 5000 غا يېقىن ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.