UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئالىي مەدرىس نىزامنامىسى

شىنجاڭ ئالىي مەدرىس نىزامنامىسى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملىرى - يىلى ئېلان قىلىنغان. نىزامنامىدە، مەكتەپكە باش خادىم ئىككى نەپەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتكۈل مەكتەپنىڭ بارلىق ئىشىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، خادىم بىر نەپەر، تەشكىلات قوماندانى بىر نەپەر، ياردەمچى قوماندان بىر نەپەر بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئەدەپ - ئەخلاق ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، تۆت كىتاب، جوزى ئەركان ۋە ئەھكاملارنى ئۆگىتىدۇ. دەستۇر ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، بەش دەستۇرنى ئۆگىتىدۇ. جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، ئاممىباب قەدىمكى ئەدەبىياتنى ئۆگىتىدۇ. تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل تارىخىنى ئۆگىتىدۇ. جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، جۇڭگو چەت ئەل جۇغراپىيسىنى ئۆگىتىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، گراماتىكا، تەرجىمە بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ. گىمناستىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. دەرسلىكلەردىن : ئەدەپ - ئەخلاق دەستۇرى، جۇڭگو ئەدەبىياتى، ماتېماتىكىلىق ئۆلچەش سىزىش، جۇڭگو - چەت ئەل تارىخى، ھەربىي ئىلىم، ئىنگىلىز تىلى، روس ئەدەبىياتى، گىمناستىكا، ئىنگىلىز ئەدەبىياتى، روس تىلى بار بولۇپ، خالىغان پەننى تاللىسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ ئالىي مەدرىس نىزامنامىسى | UyghurWiki | UyghurWiki