UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئاتېئىزم تەربىيىسى

ئاتېئىزم تەربىيىسى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ئومۇمەن ئاتېئىزم (خۇداكويلۇق) تەربىيىسى بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاتېئىزم تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي شەرتى ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى، ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ دېگەن قاراشتاچىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ماركسىزم بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇرژۇئازىيە ئاقارتىش ھەرىكىتى مۇتەپەككۇرلىرى فېئودالىزملىق مۇستەبىت تۈزۈمگە ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى دىننىڭ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى كونترول قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، تىئىزمچىلارغا قارشى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەشنى قانات يايدرۇغان. ئۇلار تىئىزمچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ، دىنىي خۇراپاتلىقنىڭ زىيانكەشلىكى، جىنايىتىنى ۋە ئەكسىيەتچىل سىياسىي رولىنى پاش قىلغان. ئەمما تۇرمۇش جەريانىدا، كەڭ خەلق ئاممىسىغا قارىتا بىر قەدەر ئومۇملاشقان بىر قېتىملىق ئاتېئىزم تەربىيىسى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۇئارقىلىق كىشىلەر ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىپ، غەرب يېقىنقى زامان تەبىئىي پەن ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق بۇرژۇئازىيىنىڭ سىنىپىي ئورنى ھەمدە دۇنيا قاراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئانتىئىزم تەربىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مۇمكىن بولماي قالدى. ئەكسىچە، بۇرژۇئازيە سىنىنپى سىياسىي ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئاتېئىزم تەربىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى. ماركسىزم بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، دېئالىكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قارىشىنى تەبىقلاپ، دىن ۋە دىنىي ھادىسىلەرگە قارىتا چوڭقۇر بولغان تەھلىل ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ماركسىزملىق دىنىي قاراش ۋە ئاتېئىزم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسىي پوزىتسىيە، ئاساسىي مەزمون ۋە ئاساسىي شەكىل، ئۇسۇللارنى بايان قىلدى. ماركسىزملىق دىنىي قاراش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پرولېتارىيات سىنىپى دىن بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك. بۇ پۈتكۈل ماتېرىيالىزمنىڭ ئەقەللىي پرىنسىپى. ئەمما ماركسىزم ئەقەللى پرىنسىپتىكى ماتېرىيالىزمدا توختاپ قالماستىن، بەلكى يەنە، دىن بىلەن كۈرەش قىلىشتا ماھىر بولۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ماتېرىيالىزملىق كۆزقاراش ئارقىلىق ئامما ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ۋە دىننىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش مەنبىئىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. دىن بىلەن كۈرەش قىلىش ئابستراكىت تەشۋىقات تەربىيىدە توختاپ قالماسلىقى، بەلكى بۇ كۈرەشنى دىن پەيدا بولۇشنىڭ ئىجتىمائىي مەنبەسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىنىپى ھەرىكەتنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش لازىم. ئاتېئىزىم تەربىيىسى ۋە كۈرىشىنى زېرىكمەستىن ئېلىپ بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەرخىل ئاتېئىزم تەشۋىقات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش، مۇناسىۋەتلىك كىتاب - ژۇرناللارنى نەشىر قىلىش، ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمگەكچى خەلقنى خاتا دىنىي قاراش ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش لازىم. ئەمما دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. كوممۇنىستلارنىڭ چوقۇم ئاتتېئىزمچىلار بولۇشى تەكىتلىنىشى كېرەك. كوممۇنىستلار مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن چوقۇم ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزمدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كوممۇنىستلر دىنغا ئېتىقاد قىلمىغاندىن سىرت، يەنە خەلق ئاممىسىغا ئاتېئىزم، ئىلمىي دۇنيا قاراشنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، پەننىي روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك. كىشىلەرنىڭ ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدىيالىزم، ئىلاھىيەت بىلەن ئاتئىزم، ئىلىم - پەن بىلەن خۇراپاتلىق، مەدەنىيەت بىلەن نادانلىقنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئايرىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىدىيالىزم، فېئوداللىق خۇراپاتىلىق، ھەرخىل ساختا ئىلىم - پەننى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنى يوقىتىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىنى ئەتراپلىق ۋە توغرا تەشۋىقى قىلىپ، دىننىڭ سوتسىيالىزمغا ماسلىشىشىنى ئاكتىپ يېتەكلەش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى بوشاشماستىن ئومۇملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئىي پەن، تېببىي داۋالاش، ياشاش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىلمىي ئىدىيە - پەننىي ئۇسۇل قاتارلىقلارنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى