UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىتۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 1999 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يېڭىدىن قۇرۇلغان تەجرىبە مەكتەپ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 28791 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4646 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش سىنىپى 14. بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي تەجرىبە سىنىپى تۆت بولۇپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى (ئىنگلىز تىلى، ئىدىيە، سىياسەت قاتارلىق پەنلەر ئۇيغۇر تىلىدا، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدۇ) قوللىنىلىدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 518 نەپەر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 92 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 64 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ | UyghurWiki | UyghurWiki