مائارىپ خىراجىتى
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
دۆلەتنىڭ مائارىپ كەسپىي ئورۇنلىرى خامچوت چىقىم مۇندەرىجىسى 13 - تۈرى <مائارىپ ئىشلىرى خىراجىتى> ئىچىدە
چىقىم قىلىنغان، مائارىپ تارماقلىقرى قۇرغان ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەر، مائارىپ كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە باشقاتارماقلار قۇرغان ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر، كارخانىلار قۇرغان ھەمدە كارخانا ئۆزى مەبلەغ چىقىرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى،تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر كەسپىي مەكتەپلەر، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەمدە مائارىپ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تەستىقلاپ ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدىغان چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، چوڭلار ئوتتۇرا مەكتەپلىرى، مائارىپ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تەستىقلاپ ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قۇرغان مەكتەپلەرنىڭ خىراجەت چىقىمى - مائارىپ خىراجىتى دېيىلىدۇ. مائارىپ خىراجىتى كىرىمى دۆلەت مالىيەسى مائارىپ خىراجىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ مەكتەپ قۇرۇش خىراجىتى، جەمئىيەتنىڭ ئىئانە مەبلىغى، كەسپىي ئىشلار كىرىمى ۋە باشقا كىرىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مائارىپ خىراجىتى چىقىمى بولسا كەسپىي ئىشلار چىقىمى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمىغا بۈۆلۈنىدۇ. كەسپىي ئىشلار چىقىمى يەنە خادىملار چىقىمى ۋە خىزمەت خىراجىتى، كەسپىي خىراجەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1999 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى 5163543000 يۈەن، ئۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكنىڭ مائارىپ خىراجىتى سىلىنمىسى 4798416000 يۈەن بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىراجىتى چىقىمى 5022545000 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكنىڭ مائارىپ خىراجەت چىقىمى 4668556000 يۈەن بولغان.