ئىلى ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى. 1979 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلغان. مۇقىم مۈلۈك 20000000 دىن ئارتۇق. ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى ۋە شوپۇرلۇق، مانتيورلۇق، ئاشپەزلىك، پارقازان، كومپيۇتېر، باغۋەنچىلىك، توقۇمىچىلىق، سېلىسارلىق قاتارلىق 15 خىل كەسىپ تەسىس قىلغان. 1999 - يىل 50 ئوقۇتۇش سىنىپى، 2200 نەپەر ئوقۇغۇچىسى، 102 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە. ئالىي ئوقۇتقۇچى 10 نەپەر، 20 يىلدىن بۇيان 8500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.