UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى

شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ دۆلەتلىك نۇقتىلىق تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپى بولۇپ، 1979 - يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 34000 كۋادرات مېتىر. خىمىيە سانائىتى، ئېلېكترون قاتارلىق تۆت خىل تەجرىبىخانىسى، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ئۆيى ۋە 5000 كۋادرات مېتىرلىق پراكتىكا زاۋۇتى بار. خىمىيە سانائىتى تۈرلىرى، مانتيورلۇق، ماشىنىسازلىق تۈرلىرىدىن 20 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار سىنىپى تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس سۆزلىنىدۇ. بۇ مەكتەپ دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي ئىقتىدارنى باھالاش پونكىتى قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتىن قالدۇرۇلغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەشتىكى نۇقتىلىق ئورۇن بولۇپ تەستىقلانغان. 1999 - يىلدىكى ئىشچى - خىزمەتچى 160 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 96 نەپەر. يۇقىرى دەرىجىلىك ئونۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 18. ئوقۇتۇش سىنىپى 23 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 1000 نەپەرگە يېتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 40 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. 20 يىلدىن بېرى مەكتەپ تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچى 6000 نەپەردىن كۆپرەك
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki