UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائاىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش

9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائاىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش

شىنجاڭ مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ماس ياشتىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بەلگىلىك يىل چەكلىمىسىگە ئىگە مەكتەپلەر مائارىپى بولۇپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بويان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئومۇملىشىغا ئەھمىيەت بەردى. 1982 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى <جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش> نى چۈشۈرۈپ، چارە ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەدبىرلىرىنى بېكىتتى. شۇ يىلى يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش لاھيىسىنى بېكىتتى. ئۇنىڭدا: 1985 - يىلىدىن بۇرۇن شەھەر، ناھىيە، بازار (سانائەت كان كارخانىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە شارائىتى بار ناھىيىلەر باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشى لازىم. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىغا كەلگەندە ئاپتونوم رايون بويىچە %90 ئورۇن باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسنى تاماملىشى لازىم دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1984 - يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئارقىلىق يوپۇرغا ناھىيىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرغان ناھىيە بولۇپ قالدى. 1985 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم <جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى> نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى چۈشۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ <باشلانغۇچ مائارىپنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا تەدرىجىي ھالدا 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش> نى تەلەپ قىلدى. 1986 - يىلى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى> ۋە 1988 - يىلى <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى> نى تارقاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىي مائارىپى قانۇنغا تايىنىدىغان ھۆكۈمەت ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا دەرىجىگە ئايرىپ مەكتەپ قۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشتىكى يېڭى تۈزۈلمىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەسئولىيىتىنى يەرلىككە چۈشۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايون، يەرلىك (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا (بازار) قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئولىيىتىنى بېكىتتى. 1995 - يىلى ئوتتۇرىغا چىققان ]ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات كۆرسەتمىسى> نى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى[ دە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %70ى ئەتراپىدىكى رايونلاردا 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلغان. 1995 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 93 ناھىيە، شەھەر (رايون) ئىچىدە تاشقۇرغان ناھىيىسىدىن باشقا 92 ناھىيە شەھەر (رايون) نىڭ ھەممىسى باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشكە قاتناشقان. نوپۇسنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %98 گە يەتكەن، ئاپتونوم رايوندىكى ماس ياشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %97.03(ئاز سانلىق مىللەت 97.14%، )ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتى %1 ئاز سانلىق مىللەت2ب(ولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يوقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتى %48.18)ئاز سانلىق مىللەت %76.81( بولغان بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ يىلى فۇكاڭ شەھىرى قاتارلىق توققۇز ناھىيە )شەھەر، رايون( تۇنجى تۈركۈم 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرغان لاياقەتلىك ناھىيە بولۇپ باھالانغان. 1996 - يىلى 3 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى <ئاپتونوم رايون بويىچە 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى پىلان ۋە يولغان قويۇش پىكرى> نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ يولغا قويۇش ئىدىيسىنى، سىياسىتى ۋە قەدەم باسقۇچلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە 55 ناھىيە )شەھەر، رايون( ئاپتونوم رايوننىڭ <توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى> نىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى. <توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى> ئومۇملاشقان رايونلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 917.39 تۈمەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %58.53 نى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %97.09گە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %76.65 گە يەتكە%ن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى