شىنجاڭ ماھارەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپى بولۇپ، 1980 - يىلى 10 - ئايدا ئەسلىدىكى شىنجاڭ
ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈرۈمچى خەلق يولى بىرىنچى نومۇر
نەنمىن تەنتەربىيە مەيدانىغا قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى، مائارىپ كومىتېتىنىڭ قوش رەھبەرلىكىگە تەۋە مەكتەپ، 1993 -يىلى 12 - ئايدا مەملىكەتلىك ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەنتەربىيە مەكتەپ، 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن 7 - نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئىلغار ئورۇن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەشق خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. 1994 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن، شۇ يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىدىيىۋى سىياسىي خىزمەت بويىچە ئىلغار ئورۇن بولۇپ
باھالانغان. 1996 - يىلى 8 - ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەنتەربىيە خادىملىرىنى تەربىيىلەش بازىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 1000 دىن ئارتۇق ياراملىق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن بولۇپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە كومىتېتى كەسپىي كوماندىلىرى ئۈچۈن 200 دىن كۆپرەك مۇنەۋۋەر تەنتەربىيىچىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ شتاتى 155 نەپەر. 1999 - يىلدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 80 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 887 نەپەر.
