UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئىلى بىرىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى

ئىلى بىرىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى پېداگوگىكا مائارىپى قازاق تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئاز سانلىق مىللەت دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدۇ. بۇ مەكتەپ 1975 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپ قېتىم ئورنى يۆتكىلىپ نامى ئۆزگەرتىلگەن. 1982 - يىلى 7 - ئايدا ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1984 - يىلى ھازىرقى نامىنى قوللانغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى 85248 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 11880 كۋادرات مېتىر بولۇپ، توققۇز كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 842 نەپەرگە، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 102 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچى 72 نەپەر، ئالىي دەرىجىلىك لېكتور بىر نەپەر. مەكتەپ يەنە ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەم ۋىلايەت تەرىپىدىن <گۈللۈك مەدەنىيەتلىك ئورۇن> دەپ نام بېرىلگەن. 1999 - يىلغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 3371 نەپەرگە، ھاۋالە بىلەن تەربىيىلەنگەن. ئوقۇغۇچىلار 600 نەپەرگە، تەربىيىلەنگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى 489 نەپەرگە، <قوش تىللىق> تەربىيىلەش كۈچەيتىش سىنىپىدا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچى 193 نەپەرگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئىلى بىرىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki