شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا - كەنت خىزمەت بۆلۈمىنىڭ
تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. 1961 - يىلى كۈزدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. 1961 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە مەكتەپنىڭ تەۋەلىك
مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولغان. ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت ئىدارىسى رەھبەرلىك قىلغان،
كېيىن يەنە يېزا ئىگىلىك نازارىتى رەھبەرلىك قىلغان. 1966 - يىلى مەدەنيەت ئىنقىلابى سەۋەبىدىن مەكتەپ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 1968 - يىلى قىسىم مەكتەپكە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، ئىنقىلابىي كومىتېت قۇرۇلۇپ مەكتەپ دەرس توختاتقان. 1971 - يىلى 4 - ئايدا پۈتۈن مەكتەپتىكى
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر <7 - ماي> كادىرلار مەكتىپىگە كۆچۈپ بېرىپ ئەمگەككە قاتناشقان. مەكتەپ ئورنى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم
ئاپتوموبىل باتالىيونى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. يېرىمى ئۈرۈمچى لامپوچكا زاۋۇتىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1972 - يىلى 7 - ئايدا <7 - ماي> كادىرلار
مەكتىپى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەكتەپكە قايتقان. شۇ يىلى 10 - ئايدا مەكتەپ يېزا ئىگىلىك
ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1973 - يىلى مەكتەپ ماشىنىسازلىق سانائىتى ئىدارىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. شۇ يىلى
10 - ئايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەردىن ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن
كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە مەكتەپنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئېنىق بولمىغاچقا، مەكتەپ ئەمەلىيەتتە باشقۇرغۇچىسى يوق ھالەتتە تۇرغان. 1976 -يىلى 10 - ئايدا مەكتەپ رەسمىي ھالدا ماشىنىسازلىق سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان. 1977 - يىلى مەكتەپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇلۇپ، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 160000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلدىغان بولۇپ، سانائەتنى ئېلېكترونلۇق ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ماشىنىسازلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىش، ماشىنا، تراكتورنى ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بەش خىل كەسىپ تەسىس قىلىغان. كەسپىي تەسىس قىلىنغان. كەسپىي تەجرىبىخانا ۋە ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش بۆلۈمى، تىل ئۆيى قاتارلىق 20 تەجرىبىخانا، ئىككى پراكتىكا زاۋۇتى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. 1988 - يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەكتپە ئىچى پراكتىكا بازىسى قۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1993 - يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەكتەپ، 1994 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم، 1996 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن
ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 96 نەپەر (ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە
ئوقۇتقۇچى 52 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 38 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 42 نەپەر)، ئوقۇغۇچى سانى 1100 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 6000 نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.