UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ مائارىپى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش جەمئيىتى

شىنجاڭ مائارىپى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش جەمئيىتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ ئاپپاراتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە قاراشلىق ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، 1986 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قۇرۇلغان ھەمدە 1992 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى (1992) 210 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن تىزىمغا ئالدۇرغان. قانۇنىي ۋاكالەتچى خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ، سىرتقا قارىتا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، دۆلەتلەر ئارا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياپونىيە خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇيۇشمىسى ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، مالايسىيا، گېرمانىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ ۋە مائارىپ ئورگانلىرى بىلەن مائارىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، 1500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنى چەت ئەلگە چىقىپ ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، يازلىق لاگىر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىدى ھەمدە 3500 ئادەم ( قېتىم) دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مائارىپ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلدى ۋە كۈتۈۋالدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش جەمئيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki